ترامپ-كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشى دۇنيا تاراتقۇلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى

دۇنيا تاراتقۇلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ سىنگاپۇردىكى ئۇچرىشىشى توغرۇۇق كەڭ توختالدى.

992257
ترامپ-كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشى دۇنيا تاراتقۇلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى

تۈركىيە ئاۋزازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ سىنگاپۇردىكى ئۇچرىشىشى دۇنيا تاراتقۇلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى دونالد ترامپ-كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشى توغرۇلۇق كەڭ توختالدى.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى ئۇچرىشىشتا چىقىرىلغان قارارلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسىنىڭ تەسلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىت بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ تاسادىپىي بولغانلىقىنى، ئۇچرىشىش توغرۇلۇق بېرىلگەن باياناتلارنى ئېنىق ئەمەسلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«NNC »تېلېۋىزىيە قانىلى تور بېتىدە ترامپ-كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشىنى «دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلدى»سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان گوردىيان گېزىتى كىم جوڭئۇننىڭ «دۇنيا زور ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولىدۇ»دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرىنىڭ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە ئوخشاشلا مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

لې موندې « Le Monde»گېزىتى  بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى بىر-بىرىلىرىنى «قېرى ئادەم»، «كىچىك ۋە سېمىز ئادەم»دەپ ھاقارەت قىلىشقان بۇ ئىككى رەھبەرنىڭ ئۆز-ئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا-شىمالىي كورېيە ئارىسىدىلا ئەمەس دۇنيا تارىخىدىمۇ مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

لې فىگارو« Le Figaro » گېزىتى خىتاي ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان ۋە پۈتكۈل دۇنيا تەرىپىدىن يېقىندىن كۆزىتىلگەن كېلىشىمنىڭ ئىككى دۈشمەن دۆلەت ئارىسىدا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە دىپلوماتىك ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

ترامپ-كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشى ئاسىيا تاراتقۇلىرىدىمۇ كەڭ ئورۇن ئالدى.

شىنخۇا خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرى سىنگاپۇردا تارىخىي ئەھمىيەتلىك يىغىن چاقىردى»سەرلەۋھىسى ئاستىدىكى خەۋىرىدە، شىمالىي كورېيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى سەھىپە ئېچىلىشىنىڭ كۈتۈلىۋتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدىكى«كۈندىلىك گېزىتى»مۇ «ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن زىددىيەتنى ئازايتىشقا تىرىشىدۇ»سەرلەۋھىسى ئاستىدىكى خەۋىرىدە، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىنى «تارىخىي ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىش»دەپ تەرىپلىدى.

ياپونىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى كىيودو «ترامپ بىلەن كىم ئۇچرىشىشتىن كېيىن كەڭ دائىرلىك كېلىشىم ئىمزالىدى»سەرلەۋھىسى ئاستىدىكى خەۋىرىدە، ئىككى رەھبەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

جەنۇبىي خەۋەر ئاگېنتلىقى يونھاپمۇ «شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش توغرىسىدا ۋەدە بەردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنىڭ رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بەرپا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېتنى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن سىنگاپۇردىكى ئۇچرىشىشىدا ، كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بەرپا قىلىش، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا يېڭى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر