ياپونىيە ھۆكۈمىتى ترامپ - كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ياپونىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىنگاپوردا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىيچىلىكنىڭ پەسەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

991723
ياپونىيە ھۆكۈمىتى ترامپ - كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى، ئىچكى كابېنت باش كاتىپى يوشىخىدې سۇگا بايانات بېرىپ، «(شىمالىي كورېيە تەرەپتىن) ئېتىلىش ئېھتىمالى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا قارشى ھەردائىم تەييار تۇرۇش مەنىسىدىكى قىيىن خەۋپسىزلىك شارائىتىنىڭ يىغىن سايىسىدا يەڭگىللىگەنلىكى ئېنىق» دېدى.

سۇگا توكيونىڭ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ياپونلار مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ھۆكۈمەت باياناتچىسى سۇگا، ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، يادرو قوراللىرىنىڭ يوقىتىپ تاشلىنىشى مۇساپىسىگە ياردەم قىلىشنى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر