سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان راكېتامىيوت بىتچىت قىلىندى

يەمەندىكى شىئە ھۇسىيلار تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جازان شەھىرىگە ئېتىلغان راكېتامىيوت بىتچىت قىلىندى.

991577
سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان راكېتامىيوت بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندىكى شىئە ھۇسىيلار تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان جازان شەھىرىگە ئېتىلغان بالىستىك راكېتامىيوت ھاۋادىلا بىتچىت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى «ئەل-ئىھبارىيە»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، شىئە ھۇسىيلار تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىغا ئېتىلغان راكېتامىيوتنى ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ جازان ئاسمىنىدىلا بىتچىت قىلغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

بۇنىڭدىن سىرت، شىئە ھۇسىيلارغا تەۋە «ئەل-مەسىرا»تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە، شىئە ھۇسىيلارنىڭ بۇ قېتىم جازاندىكى ئەل- فايسال ھەربىي رايونىنى ھۇجۇم نىشان قىلغانلىقلىرى ئەسكەرتىلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، شىئە ھۇسىيلار رامىزان ئېيىدىلا سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنلىرىغا 10 راكېتامىيوت ئاتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر