رۇسىيە ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ بىۋاستە ئۇچرىشىشىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى

991848
رۇسىيە ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ھۆكۈمىتى  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننىڭ سىنگاپۇردا ئۇچرىشىشىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ بىۋاستە ئۇچرىشىشىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: نەتىجىسى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇنداق ئۇچرىشىشلار كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ كەسكىن ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشە رول ئوينايدۇ. بۇ ئەھۋال كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ، دېدى.

پېسكوۋ رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ كورېيە مەسىلىسىنىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بىۋاستە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشى بىلەن ھەل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پېسكوۋ پۇتىننىڭ ئەتە دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن موسكۋاغا كەلگەن شىمالىي كورېيە ئالىي خەلق مەجلىسى باشلىقى كىم يوڭنام بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر