ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن كېلىشىمگە ئىمزا قويدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن كەڭ دائىرىلىك كېلىشىمنى ئىمزالىدى.

990764
ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن كېلىشىمگە ئىمزا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كەڭ دائىرىلىك بىر كېلىشىمگە ئىمزا قويدى. بۇ كېلىشىم خەۋپسىزلىك كاپالىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كېلىشىم بىلەن، شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشنى ۋەدە قىلىدۇ. كېلىشىم يەنە، ئامېرىكا-شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئورنىتىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پىرېزىدېنت ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە يادرو قورالىدىن خالىي بولۇش مۇساپىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر