بېيجىڭ: ترامپ - كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشىدىن تىنچلىق ھاسىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز

بېيجىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ باشلىقلار يىغىنىدىن تىنچلىق ھاسىل بولۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

991033
بېيجىڭ: ترامپ - كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشىدىن تىنچلىق ھاسىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىنگاپوردىكى يىغىنىدا، كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق بەرپا قىلىش مىخانىزملىرىنىڭ ئورنىتىشلىرىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يىغىن توغرىسىدىكى باياناتىدا، «خىتاي، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ ۋە قوللايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ۋاڭ يى، ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، تاشقى تەسىرلەرگە خاتىمە بېرىشىنى، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېرىم ئارالنىڭ يادرو قورالىدىن خالىيلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەرنى تاشلاشلىرىنى، يېرىم ئارال توغرىسىدا ئاساسىي پىكىر بىرلىكىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، تىنچلىق مېخانىزمى ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ۋاڭ يى يەنە، كىم جوڭئۇن بىلەن ترامپنىڭ سىنگاپور يىغىنىغا «تارىخ يازغان بىر يېغىن» دەپ باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ باراۋەر دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۈستەل ئەتراپىغا ئولتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە بۇ يىغىن ئارقىلىق يېڭى بىر تارىخنىڭ يېزىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يىغىننىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرى تۆت بىلەن كۈتۈۋاتقان، ئالاھىدە كۈچ چىقارغان بىر نىشان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋاڭ، بارلىق تەرەپلەرنى كورېيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر