سىنگاپور، ترامپ - كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشى ئۈچۈن 20 مىليون دوللار چىقىم قىلىدىكەن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ 12 – ئىيۇندىكى باشلىقلار يىغىنى، ساھىبخان دۆلەت سىنگاپورغا 20 مىليون دوللارغا توختايدىكەن.

990061
سىنگاپور، ترامپ - كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشى ئۈچۈن 20 مىليون دوللار چىقىم قىلىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سترايت تايمز گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىنگاپور باش مىنىستىرى لى خسىئېن لۇڭ، باشلىقلار يىغىنىغا كېتىدىغان چىقىمنىڭ 20 مىليون دوللار ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ، مۇشۇنداق مۇھىم بىر تىنچلىق تەشەببۇسىنى قوللاش ئۈچۈن بۇ چىقىمنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇشىنى ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارايمىز. يىغىننىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ھەسسە قوشىدىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ يولىنى داغداملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەن.

سىنگاپور باش مىنىستىرى يەنە، يىغىننىڭ سىنگاپۇرنىڭ ئوبرازىغا ئىجابىي ھەسسە قوشقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ يىغىننىڭ ساھىبخانلىقىغا تاللىنىشىمىز – بۇنى بىز تەلەپ قىلمىدۇق، ئۇلار بىزدىن سورىدى، بىز قوبۇل قىلدۇق – سىنگاپورنىڭ بارلىق تەرەپلەر بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن 12 – ئىيۇندا سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ.

يادرو قورالسىزلىنىش ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىننىڭ 1950 – 1953 – يىللار ئارىسىدىكى كورېيە ئۇرۇشىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش ھالىتىنىڭ ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىققا ئايلىنىشى يولىدىكى ھالقىلىق بىر قەدەم بولۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر