كىم جوڭئۇن ترامپنى پىيوڭياڭغا تەكلىپ قىلدى

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن ئەتە سىنگاپۇرغا كېلىدىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى پىيوڭياڭغا تەكلىپ قىلدى.

990290
كىم جوڭئۇن ترامپنى پىيوڭياڭغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن ئەتە سىنگاپۇرغا كېلىدىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئىككىنچى قېتىلىق ئۇچرىشىش ئۈچۈن دۆلىتىگە تەكلىپ قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە گېزىتى « Chosun Ilbo »نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كىم جوڭئۇننىڭ مۇئاۋىنلىرىدىن كىم يوڭچولنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا مەكتۇب بىلەن بىرگە تەكلىپنامىمۇ  بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مەكتۇبتا ئىككى رەھبەرنىڭ يەنە بىر قېتىم پىيوڭياڭدا ئۇچرىشىش ئېھتىمالى بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

ناۋادا ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشمۇ ئىشقا ئاشقان تەقدىردە بۇ يىل سېنتەبىردە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا شىمالىي كورېيە مەسىلىسى توغرۇلۇق يەنە يىغىن چاقىرىلىدىكەن.

ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئەتە سىنگاپۇردا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 0:900 دا كۆرۈشىدۇ.

ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئايرىم 2 سائەت كۆرۈشىدىغانلىقى، بۇ كۆرۈشۈشكە پەقەت تەرجىمانلارنىڭلا قاتنىشىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى سىنگاپۇر باش مىنىستىرى لې ھىسىيىن لوڭ بىلەن كۆرۈشكەن ترامپ، كىم بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشتىن ئۈمىدلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

لې بىلەن خىزمەت زىياپىتىدە كۆرۈشكەن ترامپ: ئەتە باشقىچە بىر كۈن، مەنچە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىدۇ، دېدى.

باش مىنىستىر لېغا ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، تۋىتتېر ئادرېسىدا مۇنداق دېگەنىدى: «سىنگاپۇرنى زىيارەت قىلىمىز، ھازىردىن باشلاپ ھاياجانلىۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر