كىم جوڭئۇن سىنگاپورغا يېتىپ باردى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭ ئۇن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان يىغىنغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن سىنگاپورغا يېتىپ باردى.

989690
كىم جوڭئۇن سىنگاپورغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىم جوڭئۇن ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ بۈگۈن (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا سىنگاپور ئايرودۇرۇمىغا قونغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە سىنگاپور تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىۋىئان بالاكرىشنان بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋاتقان سۈرىتى تارقىتىلدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى ئايرودۇرۇمدىن قارا رەڭلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ھىمايىسىدىكى شىمالىي كورېيە بايرىقى قادالغان بىر ئالاھىدە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئايرىلىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چۈشكەن ست.رېگىس مېھمانخانىسىغا باردى.

خەلقئارا جەمئىيەت كىم جوڭئۇن بىلەن دونالد ترامپنىڭ 12 – ئىيۇندىكى يىغىنىغا ئالاھىدە قىزىقماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر