يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى كانادادا باشلىنىدۇ

دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك يەتتە دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئەتە كانادانىڭ ساھىبخانىلىقىدا باشلىنىدۇ.

988776
يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى كانادادا باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىللىرىمۇ قاتنىشىدىغان ۋە كانادا نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كانادانىڭ چۇېئبېك ئۆلكىسنىڭ چارلېۋوئىكس يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەمدە ئۇدا ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان 44 – نۆۋەتلىك  يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا كانادا ساھىبخانىلىق قىلىدۇ.

كانادادا 7 – قېتىملىقى  چاقىرىلىدىغان يىغىن ھارپىسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتتىق كۈچەيتىلدى، يىغىننى كۆزىتىدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈچۈن چۇئېبېك شەھىرىدە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەركىزى تەسىس قىلىندى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 دە ئېچىلىدىغان يىغىن، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ چۈشلۈك تاماق يەپ بولۇپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشىدىن كېيىن باشلىنىدىكەن.

يىغىنغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس،  ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ ۋەكىللىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى يېن كلود ياڭكېر، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تاسك، ئارگېنتىنا، نورۋېگىيە، ئىسلاندىيە، باڭلادېش، سېنېگال، سېيشېل ئاراللىرى، يامايكا، ۋېيتنام، جەنۇبىي ئافرىقا، ھايتى، كېنىيە ۋە رىۋاندا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتنىشىدىكەن.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئەللەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پايدىلىرىدىن ئادىل بىر شەكىلدە بەھرىمەن بولۇش مەسىلىسىدە  ئورتاق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى كانادا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە، بۇ يىلقى يەتتە دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىنى، ھەممە ئۈچۈن تەرەققىي قىلىش نىشانى تەشكىل قىلىنىدۇ.  بۇ مەقسەتتە تەييارلانغان <ھەممە ئۈچۈن تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش> ناملىق دوكلات، باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىنى تەشكىل قىلىنىدۇ.»

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان كانادادىن ئىمپورت قىلىنغان پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىشى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنت سۈپىتىدە كانادادا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولىدىغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ گويا «سودا ئۇرۇشى» غا سەھنە بولۇشى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر