ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن كۆرۈشىدىغان جاي ئېنىق بولدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن سېنتاسا ئارىلىدىكى كاپەللا مېھمانخانىسىدا 12-ئىيۇندا كۆرۈشىدۇ.

986712
ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن كۆرۈشىدىغان جاي ئېنىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن ئارىسىدا 12-ئىيۇندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشنىڭ ئورنى مۇئەييلەنلەشتى.

ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس 12-ئىيۇندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىش توغرۇلۇق تۋىتتېر ئادېرىسىدا بايانات بەردى.

ساندرېس مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن سېنتاسا ئارىلىدىكى كاپەللا مېھمانخانىسىدا ئۇچرىشىدۇ. قىممەتلىك سىنگاپۇرلۇق مېھماندوست دوستلىرىمىزغا مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.»

باياناتچى ساندېرس تۈنۈگۈن ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئارىسىدا سىنگاپۇردا 12-ئىيۇندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 09:00دا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 1-ئىيۇندا شىمالىي كورېيەلىك ئەمەلدار كىم يوڭ چول بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەندىن كېيىن بايانات بېرىپ، شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن 12-ئىيۇندا سىنگاپۇردا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

سىنگاپۇردىكى بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بارلىق مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىپ ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ: بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ، مەن  ھېچقاچان بىرلا قېتىم كۆرۈشلەيلى دېمىدىم، بۇ جەرياندىن ئىبارەت، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر