رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئاۋىستىرىيە زىيارىتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە بىلەن ئاۋىستىرىيە ئوتتۇرىسىدا 1968 – يىلى ئىمزالانغان «تەبىئىي گاز كېلىشىمى» نىڭ 50 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيانادا زىيارەتتە بولدى.

986908
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئاۋىستىرىيە زىيارىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇتىن ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئاۋىستىرىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر ۋان دېر بېللېن ۋە باش مىنىستىرى سېباستىئان كۇرز بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

ۋىلادىمىر پۇتىن كۇرز بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، ئەگەر ياۋروپا سۈرىيە ۋە قوشنا دۆلەتلەردىن كۆچمەنلەر ئېقىنىنى ئازايتىشنى خالىسا، سۈرىيەلىكلەرگە ياردەم بېرىشنىڭ ياۋروپا ئەللىرىگە نىسبەتەن زۆرۈرىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا باج ئىمتىيازلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە تېخنىكا يېڭىلاش ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك كېلىشىملەر ئىمزالاندى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ زىيارىتى، 18 – مارت كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىنقى ئايلاردا غەربىي ياۋروپا دۆلىتىگە قىلغان تۇنجى ساياھىتى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر