ئىران دىنىي رەھبىرى خامەنېي يادرو كېلىشىمىگە تەرەپ دۆلەتلەرگە دوئېل ئېلان قىلدى

ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلىي خامەنېي، دۆلىتىنىڭ ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىغا «190 مىڭ دانە مەركەزدىن قاچۇرۇش ئۈسكىنىسى ئىشلەپچىقىرىش» توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈردى.

986145
ئىران دىنىي رەھبىرى خامەنېي يادرو كېلىشىمىگە تەرەپ دۆلەتلەرگە دوئېل ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلىي خامەني، ئىنقىلاب رەھبىرى ئايەتۇللاھ خامەنېي ۋاپاتىنىڭ 29 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئىراننىڭ نە ئېمبارگولاردىن، نە يادرو پائالىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئېمبارگولار ئارقىلىق ئىران خەلقىنى تىز پۈكتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ھەم ئېمبارگولارنى قوبۇل قىلىشىمىز، ھەم يادرو پائالىيەتلىرىدىن قول تارتىپ، بۇ ساھەدىكى چەكلىمىلەرگە بويسۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كۈتۈلۈۋېتىپتۇ. ئۇلار بۇنى چۈشلىرىدە كۆرىدۇ» دېدى.

خامەنېي، يادرو كېلىشىمىدىكى مەركەزدىن قاچۇرۇش ئۈسكۈنىسى سانىنى ئازايتىش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، «ئىران ھەم ئېمبارگولارنى ھەم يادرو پائالىيەتلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئەتىدىن باشلاپ يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە 190 مىڭ مەركەزدىن قاچۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىسۇن. پىرېزىدېنت (كېرەكلىك ئىشلارنى) قىلسۇن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى (ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي، فىرانسىيە، رۇسىيە) ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىران تەرىپىدىن 2015 – يىلى ئىمزالانغان «يادرو كېلىشىمى» ناملىق كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانىنىڭ روھىغا ئاساسەن، تېھران دائىرىلىرى ئۇران ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان 19 مىڭ مەركەزدىن قاچۇرۇش ئۈسكۈنىسى سانىنى 5060 قىسقارتىپ، 10 يىل بويىچە بۇ ساننى ساقلاپ قالىدىغان بولغانىدى.

كېلىشىم دائىرىسىدە ئىران يەنە 15 يىل بويىچە ئېغىر سۇ رېئاكتورى ياسىمايدىغان، ئۇران قۇيۇقلاندۇرۇش خىزمەتلىرىنى پەقەت ناتانز يادرو ئىستانسىسى بىلەنلا چەكلەيدىغان ۋە ئەڭ كۆپ بولغاندا 3.67 نىسبىتىدە ئۇران قۇيۇقلاندۇرىدىغان بولغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا فوردو ئىستانسىسىدىكى ئۇرۇن قۇيۇقلاندۇرۇش خىزمەتلىرىنى توختاتماقچى بولغانىدى.

كېلىشىمگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر، ئىراننىڭ يادرو پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاتوم بومبىسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدىغان قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئۇرانغا ئىگە بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر