ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ كۆرۈشۈش ئورنى ۋە ۋاقتى مۇئەييەنلەشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى، سىنگاپۇردا 12 – ئىيۇن شۇ جاي سائەت 09:00 دا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

986156
ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ كۆرۈشۈش ئورنى ۋە ۋاقتى مۇئەييەنلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس ئاقسارايدىكى كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا بايانات بەردى. ئۇ يىغىن تەييارلىقلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىپ، «پىرېزىدېنت ھەركۈنى دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىدىن شىمالىي كورېيە توغرىسىدا دوكلات ئېلىۋاتىدۇ. بۇ دائىرىدە (ترامپ بىلەن كىم ئارىسىدىكى) تۇنجى ئۇچرىشىشنىڭ 12 – ئىيۇندا سىنگاپۇردا شۇ جاي ۋاقتى سائەت 09:00 دا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىشىم مۇمكىن» دېدى.

ساراھ ساندېرس ترامپنىڭ كىمدىن تاپشۇرۇپ ئالغان مەكتۇپقا ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختالمايدىغانلىقىنى، بىراق مەكتۇپتىكى ئىبارىلەرنىڭ «ئۆزلىرىگە توغرا يولدا كېتىۋاتقانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى» نى ئېيتتى. ئۇ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە بېسىم ئىشلىتىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ – داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقى» توغرىسىدىكى بىر سوئالغا، كورېيە يېرىم ئارىلى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇلغىچە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر