پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا سۇ كىرىزىسى كېلىپ چىقتى

دۇنيا بانكىسى پاكىستان ۋە ھىندىستان ئارىسىدا كېلىپ چىققان ئىندۇس دەرياسى كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

986287
پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا سۇ كىرىزىسى كېلىپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بانكىسى پاكىستان ۋە ھىندىستان ئارىسىدا سۈركىلىشكە سەۋەب بولغان ئىندۇس دەرياسى مەسىلىسىگە چارە تېپىش ئۈچۈن، بىتەرەپ تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدا زىددىيەتكە سەۋەب بولغان ئىندۇس مەسىلىسىگە چارە تېپىش ئۈچۈن بۇ يىل مايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردىن نەتىجە چىقمىغانلىقتىن، دۇنيا بانكىسى ئۆتكەن ھەپتە يىغىن چاقىرىپ پاكىستان ھۆكۈمىتىگە خەلقئارا مۇرەسسەلەشتۈرۈش مەھكىمىسىگە قىلىنغان ئەرزنى قايتۇرۇۋېلىشنى ۋە  بىتەرەپ تەكشۈرۈش ھەيئىتى قۇرۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلدى.  

ھىندىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىندۇس دەرياسىنىڭ ئېقىنلىرىدىن نەلۇم ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان كىشانگانگا سۇ ئامبىرىنىڭ سۇنىڭ ئېقىشىغا توسالغۇ بولمايدىغانلىقى  ۋە بۇ ئەھۋالدىن پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ خەۋىرى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىتەرەپ تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى لازىملىقى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىدە تۈنۈگۈن باش تەپتىش مىيان ساقىپ نىسار، ھىندىستان سالغان سۇ ئامبىرى سەۋەبىدىن سۈيى ئازىيىپ كەتكەن نەلۇم دەرياسىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ھۆكۈمەتتىن دوكلات تەلەپ قىلدى.

مەھكىمە پاكىستان ۋەتەن پارتىيەسىدىن زافەرۇللاھ خاننىڭ دەريانىڭ ئەرزنامىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئەرزنامىدە ئىندۇس دەرياسى توغرۇلۇق كېلىشىم ئىمزالانغاندىن بۇيان بىرمۇ سۇ ئامبىرىنىڭ سېلىنمىغانلىقىنى ۋە پاكىستان ئىقتىسادىنىڭ %20نىڭ بۇ دەريانىڭ ئەتراپىدىكى پائالىيەتلەرگە باغلىق ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باش تەپتىش نىسارمۇ مۇنداق دېدى: «پاكىستاندا يۈز بەرگەن سۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا مەھكىمە مۇھىم رول ئوينايدۇ، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ھازىر بىر ئىش قىلمىساق كېچىپ قالغان بولىمىز.»

ھىندىستان ۋە پاكىستان ئارىسىدا ئىندۇس دەرياسىنى ئىشلىتىش شەرتلىرى بېكىتىلگەن كېلىشىم،  دۇنيا بانكىسىنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا 1960-يىلى پاكسىتاننىڭ كاراچى شەھىرىدە ئىمزالغانىدى.

كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا،  ئىندۇسقا قويۇلىدىغان ۋە شەرقىي دەريالار دەپ ئاتىلىدىغان بايىس، راۋى ۋە سۇتلەج دەريالىرىنى تىزگىنلەش ھوقۇقى ھىندىستانغا، غەربىي دەريالار دەپ ئاتىلىدىغان ئىندۇس، چەناب ۋە جەلۇم دەريالىرىنى تىزگىنلەش ھوقۇقى بولسا پاكىستانغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ھىندىستانغا بېرىلگەن دەريالار ئىندۇسقا بەكرەك قويۇلىدىغانلىقى ئۈچۈن پاكىستانغا بۇ دەريالارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى كۆپرەك بېرىلگەن بولسا، كېيىنچە كېلىشىمگە ھىندىستاننىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش، دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق  قىلىش ھوقۇقىنىڭمۇ بارلىقى كىرگۈزۈلگەن.

كېلىشىمدىكى بۇ ماددىلارنىڭ ئەكسىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 2007-يىلى ياسلىشقا باشلىغان كىشانگانگا سۇ ئامبىرىنى ئۆتكەن ئاي باش مىنىستىر نارېندرا مودىمۇ قاتناشقان مۇراسىمدا ئىشقا كىرىشتۈردى.

سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىندۇس كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان پاكىستان، 2016-يىلى 10-نويابىردا ھىندىستاننىڭ سۇ ئامبىرى سېلىشى سەۋەبىدىن ھىندىستان ئۈستىدىن دۇنيا بانكىسىغا ئەرز  قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر