پۇتىن كىم جوڭئۇننى يىغىنغا تەكلىپ قىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كىم جوڭئۇننى رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان دۇنيا مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلدى.

985371
پۇتىن كىم جوڭئۇننى يىغىنغا تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننى بۇ يىل سېنتەبىردە رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوك شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان دۇنيا مۇنبىرىگە تەكلىپ قىلدى.

يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ  رۇس رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىدە، پۇتىننىڭ ئۆتكەن ھەپتە شىمالىي كورېيەنى زىيارەت قىلغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋاستىسى بىلەن كىم جوڭئۇنغا ئەۋەتكەن خېتىدە كىم جوڭئۇننى يىغىنغا تەكلىپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

لاۋروۋ تەرىپىدىن تاپشۇرۇپ بېرىلگەن خەتتە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ كورېيە ئارىلى مەسىلىسىگە چارە تېپىش ئۈچۈن يېقىنقى كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلغان دىپلوماتىك خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تاس خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىلگىرى لاۋروۋنىڭ زىيارەت ئەسناسىدا كىم جوڭئۇننى رۇسىيەگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

كىم جوڭئۇننىڭ پۇتىننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ قىلمىغانلىقى نامەلۇم.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر