كانادا ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ قۇم خالتىسى ئەمەس

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ كانادانىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ قۇم خالتىسى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

985104
كانادا ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ قۇم خالتىسى ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترېدۇ شەھەر باشلىقلىرى فېدېراتسىيەسىنىڭ  يىللىق يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ ئىمپورت قىلىنغان پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن يېڭى تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىگە كانادانىمۇ قوشقانلىقىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: "كانادا ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ قۇم خالتىسى ئەمەس" دېدى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پولات ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش قارارىغا دۆلەت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى باھانە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: "كانادانىڭ پولات سانائىتىنىڭ ئامېرىكاغا بىخەتەرلىك جەھەتتە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتىش، بىزگە ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ" دېدى.

ئامېرىكالىقلارنىڭ، بولۇپمۇ ترامپ تەرەپدارلىرىنىڭ كانادادىن يېڭى قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىشىدىن پۇل-مۇئامىلە قىيىنچىلىقى ھېس قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ترامپنىڭ يېڭى باج قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن كانادادىن نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بىلىدىغىنىم  ئامېرىكا بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۇرۇش قىلغان كانادا ئەسكەرلىرى ۋە كانادانىڭ ئامېرىكاغا بىخەتەرلىك جەھەتتە تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتىش ناھايىتى تەس، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ."

ئۇ: " كۈتۈلگەندەك، ترامپ G7 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۇبېكتىكى يىغىنىغا قاتناشقان ئەھۋالدا ئۇنىڭ بىلەن  كېلەر ھەپتە كۆرۈشىمىز. ئۇنىڭغا بېرىدىغان سىگنالىمىز ناھايىتى ئەدەپلىك بولىدۇ. كانادا ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ قۇم خالتىسى ئەمەس" دېدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستىيا فرىلەند باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئامېرىكانىڭ باج قارارىغا قارشى تەييارلىنىدىغان تىزىملىكنى كېڭەيتىش مۇمكىنچىلىكىنى بىلدۈردى.

فرىلەند كانادانىڭ دۆلەت بايرىمى بولغان 1-ئىيۇلدا يولغا قويۇلىدىغان 16.6 مىليارد دوللارلىق باج تىزىملىكىنى 15-ئىيۇندا پۈتكۈزۈشنى پىلان قىلغان مۇزاكىرەلەردىن كېيىن ئېلان قىلىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر