تېررورىزمغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتتە 17 دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى
ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى نانگارخار ۋىلايىتىنىڭ ھاسەكى مىنە ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە 17 دائېشچى ئۆلتۈرۈلدى.
984371
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارخار ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاسەكى مىنە ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھاۋا ھەم قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە 17 دائېشچى ئۆلتۈرۈلگەن، 1 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 5 پۇقرا يارىلانغان.