گوللاندىيەدە غەززە خەلقىنى قوللاش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدا «غەززەگە ئەركىنلىك پاراخوت ئەترىتى» نى قوللاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى داۋاملىق قامال قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە غەززە پاراخوت ئەترىتى بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە ھەرقايسى فوندى جەمئىيەتلەر قوللىغان نامايىشتا، پەلەستىن بايرىقى لەپىلدىتىلدى. «ئى ئىسرائىلىيە! غەززەنى داۋاملىق قامال قىلىش سىياسىتىڭدىن ۋاز كەچ»، «ئى ئىنسانىيەت! غەززەگە ئەركىنلىك پاراخوت ئەترىتىنى قوللا» ۋە «ئى ئىسرائىلىيە! ئىشغالىيىتىڭگە خاتىمە بەر» تەرىسىقىدە ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، «پەلەستىنگە ئازادلىق» تەرىقىسىدە شوئارلارنى توۋلاشتى.
تەخمىنەن ئىككى سائەت داۋاملاشقان نامايىش تىنچ ئاخىرلاشتى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگونى بىكار قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە 15 – ماي كۈنى نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيەدىن يولغا چىققان «غەززەگە ئەركىنلىك پاراخوت ئەترىتى»، گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، پاراخوت ئەترىتىنىڭ ئامستېردامدىن كېيىن روتتېردامغا يېتىپ بېرىشى كۈتۈلمەكتە.