ترامپ كىم جوڭئۇننىڭ مەكتۇبىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

983503
ترامپ كىم جوڭئۇننىڭ مەكتۇبىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 12-ئىيۇن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىمالى ئۈستىدە توختىلىپ: "12-ئىيۇن كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بىراق بۇ، ھەممە ئىشنىڭ بىر يىغىندا ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكىم ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى كۆرۈشۈشلەر بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم ھېچقانداق كۆرۈشۈش بولماسلىقىمۇ مۇمكىن" دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ تېكساسقا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مارىلەندتا مۇخبىرلارنىڭ كۈنتەرتىپ مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ شىمالىي كورېيە ئەمەلدارى بىلەن نىيۇ يوركتا ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىنىڭ ناھايىتى ئىجابىي بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى رەھبەرنىڭ جۈمە (1-ئىيۇن) ۋاشىنگتونغا كېلىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: "شىمالىي كورېيە بىلەن ناھايىتى ياخشى ئىلگىرىلەۋاتىمىز. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز شىمالىي كورېيە ئەمەلدارى بىلەن ناھايىتى ياخشى يىغىنلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۈگۈن (جۈمە) ۋاشىنگتونغا كېلىدۇ ۋە كىم جوڭئۇننىڭ مەكتۇبىنى ماڭا تاپشۇرىدۇ، ھازىر مەكتۇپنى كۈتۈۋاتىمەن. كۆرۈشۈشلەر ناھايىتى ئىجابىي، بۇ جەرياننى ناھايىتى ئىجابىي بولىدۇ دەپ ئويلايمەن" دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپ مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر