ناتو-رۇسىيە كېڭىشى يىغىن چاقىردى

ناتو-رۇسىيە كېڭىشى ئەلچىلەر سەۋىيەسىدە يىغىن چاقىردى.

983039
ناتو-رۇسىيە كېڭىشى يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو-رۇسىيە كېڭىشى ئەلچىلەر سەۋىيەسىدە بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىردى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپىنى ئۇكرائىنا، مىنسك ئەھدىنامىسى ۋە ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ رايوندىكى خەتەرلەرنى قانداق قىلىپ ئازايتىش مەسىلىسىگە مەركەزلىشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان بىر ناتو مەسئۇلى، بۇنىڭ ياۋروپانىڭ مۇقىملقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

2002-يىلى قۇرۇلغان ناتو-رۇسىيە كېڭىشى مىخانىزمىسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلاتتى.  

بىراق رۇسىيەنىڭ 2014-يىلى قىرىمنى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىدىن كېيىن ناتو-رۇسىيە كېڭىشى ئالاقىدار تەرەپلەر ئارىسىدىكى ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق تۇتۇشقىلا يۈزلەندى.

ئەلچىلەر سەۋىيەسىدە يىغىن چاقىرغان كېڭەش نۆۋەتتە ئالاقىدار تەرەپلەر ئارىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسىگە دېگەندەك  كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ.


خەتكۈچ: #ناتو , #رۇسىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر