ئىسرائىلىيە «ئەركىنلىك پاراخوتى يولۇچىلىرى» نى قويۇپ بەردى

ئىسرائىلىيە غەززە پورتىدىن ئاشدود پورتىغا ئېلىپ كەتكەن «ئەركىنلىك پاراخوتى» دىكى كاپىتاندىن باشقا يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بەردى.

981967
ئىسرائىلىيە «ئەركىنلىك پاراخوتى يولۇچىلىرى» نى قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قامالنى بىكار قىلىش ۋە قايتا ئاۋات قىلىش ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىشلىرى باياناتچىسى ئەدھەم ئەبۇ سىلمىييە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىشغال كۈچلىرى <ئەركىنلىك پاراخوتى> دىكى كاپىتاندىن باشقا يولۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بەردى.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە قويۇپ بەرگەن كىشىلەر غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى بەيت خانۇن «ئەرەز» چېگرا ئېغىزىدىن رايونغا يېتىپ بارغان.

پەلەسىتنلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى 2010 – يىلى مايدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن غەززەگە قاراپ يولغا چىققان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 10 كىشى شېھىت بولۇپ كەتكەن «ماۋى مارمارا» پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ 8 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈنۈگۈن پاراخوتلار بىلەن   غەززە پورتىغا يېتىپ بارغانىدى.

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى سىمۋوللۇق ھالەتتە دېڭىزغا سەپەر قىلغان پاراخوتلارنى قورشاپ، ئاشدود پورتىغا ئېلىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر