ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتايغا ۋىزا چەكلىمىسى قويدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتايدىن ۋىزا ئىلتىماس سۇنۇش ئىشلىرىغا 11 – ئىيۇندىن ئېتىبارەن چەكلىمە قويۇشنى قارار قىلدى.

981959
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتايغا ۋىزا چەكلىمىسى قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ھەقتە پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېخىچە رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىغان، بىراق، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋىزا چەكلىىمىسى قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «11 – ئىيۇندىن ئېتىبارەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىغا قارىتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى دائىرىسىدە چەكلىمە قويۇلىدۇ، ماگېستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا پەقەت بىر يىللىقلا ۋىزا بېرىلىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن خىتايغا ئاخبارات يەتكۈزۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئائىت مەھسۇلاتلارغا مۇناسىۋەتلىك <پىكىر ھوقۇقى> نىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈشىگە تاقابىل تۇرۇشتۇر.»

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئەڭ كۆپ ئوقۇغۇچى ئەۋەتىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسىغا ئىلتىماس سۇنۇش ئىشلىرىنى مەمنۇنىيەتلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر