ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى «غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇملارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى» تۈپەيلى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى.

982367
ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋاكالەتخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «ھاماس ۋە باشقا گۇرۇپپىلارنىڭ غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھۇجۇملىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردۇق» دېيىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىكى ھېيلى، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ 2014 – يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھۇجۇملار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىققا جاۋاب قايتۇرۇشى ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە ھۇجۇم قىلىنىشىغا يول قويغانلىقى ئۈچۈن  پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى لازىملىقىنى دەۋا قىلدى.

يىغىننىڭ ئەتە شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن چاقىرىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر