ب د ت سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ياردەم خىزمەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مارك لوۋكوك (Mark Lowcock)، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ياردەم خىزمەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە چاقىردى.

981721
ب د ت سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ياردەم خىزمەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى مارك لوۋكوك (Mark Lowcock)، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى  ياردەم بۇيۇملىرىنى مۇھتاجلارغا يەتكۈزۈش بېرىش خىزمىتىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىردى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرگەن لوۋكوك، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن شەرقىي غۇتەگە ئىككى ھەپتە ئىچىدە 10000 ئادەمنىڭ قايتقانلىقىنى، شۇڭا رايونغا ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈشنىڭ زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

لوۋكوك سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ دۇمادىكى 70000 كىشىگە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ياردەمگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىرغان لوۋكوك، ئىدلىبتىكى ئىنسانلارنىڭمۇ ئەھۋالىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

لوۋكوك بۇ يىل مارتتىن باشلاپ 80000 كىشىنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلىنىپ ئىدلىبكە كەتكەنلىكىنى ۋە بۇ جايدا ئېغىر قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

لوۋكوك ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «ھۇمۇسنىڭ شىمالىي،  دۇما ۋە دەمەشىقنىڭ جەنۇبىغا  ئوخشاش يېتىپ بېرىش قىيىن بولغان رايونلاردا، بۇ يىل يانۋاردىن بۇيان 2 مىليون كىشىنىڭ %20گە ئاران ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلدى.»


خەتكۈچ: #ب د ت , #سۈرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر