شىمالىي كورېيەنىڭ بىر ئەمەلدارى ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ

شىمالىي كورېيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان كىم جوڭئۇن-ترامپ ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ.

981119
شىمالىي كورېيەنىڭ بىر ئەمەلدارى ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە "يونھاپ" (Yonhap) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە ئىشچى پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى كىم يوڭچول ئامېرىكاغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن خىتاي پايتەختى بېيجىڭدىكى ئايرودۇرۇمدا، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن، ئارقىدىن ئەتىسى كۈنى ئامېرىكاغا قاراپ ھەرىكەت قىلىدىكەن.

كىم يوڭچول زىيارىتىنىڭ، ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرىنىڭ سىنگاپوردىكى ئۇچرىشىش ئۈچۈن سېئۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تەييارلىق كۆرۈشۈشلىرىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

كىم يوڭچولنىڭ سىنگاپوردىكى ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن  ئامېرىكادا بەزى ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

شىمالىي كورېيەنىڭ سابىق ھەربىي ئىستىخبارات باشلىقى بولغان كىم يوڭچول يادرو قورالسىزلىنىش ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە پىشقان كىشى بولۇپ تونىلىدۇ. ئۇ بۇرۇن جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شىمالىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ بەزى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنىڭ جاۋابكارى دەپ قارالغان ئىدى.

2010-يىلى جەنۇبىي كورېيەلىك 46 دېڭىزچى جېنىدىن ئايرىلغان تورپىدا ھۇجۇمىنى كىم يوڭچولنىڭ پىلانلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر