رۇسىيەگە ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلان يوقاپ كەتتى
رۇسىيەگە ئائىت « Mi-2 » تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان بالتىق دېڭىزى ئەتراپىدا راداردىن يوقاپ كەتتى.
981547

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم موسكۋا ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دە ئالاقە ئورنىتىلغان Mi-2 » تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى ئۈچ كىشى كېيىنچە چاقىرىقلارغا جاۋاب قايتۇرمىغان، ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.
رۇسىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئالاقە ئورنىتىلغان جايغا ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئەۋەتىلگەن.