دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى غەززە مۇھاسىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى سادىر قىلغان ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى ئەيىبلەپ، غەززەدىكى ئىسرائىلىيە مۇھاسىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

981032
دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى غەززە مۇھاسىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى سادىر قىلغان ۋەھشىلەرچە جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە بۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان ئېغىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۇ جىنايەتلەرگە سۈكۈت قىلماسلىق كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، غەززەگە قوشنا دۆلەتلەر مۇھاسىرىنى بىكار قىلىشقا؛ شۇنداقلا پۈتكۈل مۇسۇلمانلار پەلەستىن خەلقىنىڭ ئازابلىرىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا؛ دىنىي زاتلار ۋە دىنىي ئورگانلار بولسا، رايوندىكى زىيۇنىست سىياسەتلەرگە قارشى ئۆتۈشكە چاقىرىلدى.

پەلەستىنلىكلەر، 30 – مارتتىن بۇيان مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە رايونىنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسىدا «بۈيۈك قايتىش يۈرۈشى» دېگەن نام ئاستىدا تىنچ ئۇسۇلدا نامايىش ئۆتكۈزمەكتە. ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بولسا، «سۈرگۈن قىلىنغان زېمىنلىرىغا قايتىشنى ۋە 2006 – يىلىدىن بۇيان غەززەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قانۇنسىز مۇھاسىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى» نى تەلەپ قىلغان پۇقرالارغا راست ئوقلارنى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلماقتا.

نامايىش باشلانغاندىن بۇيان بالىلار ۋە ژۇرنالىستلار قوشۇلۇپ جەمئىي 110 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىندى، مىڭلارچە پەلەستىنلىك يارىلاندۇرۇلدى.

پەلەستىندە 2006 – يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى - ھاماس غەلىبە قىلغان سايلاملاردىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى غەززەنى ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن مۇھاسىرىگە ئالغان بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نارازىلىقلىرىغا قارىماي مەزكۇر مۇھاسىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر