ناتو رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) باش كاتىپى ستولتېنبېرگ رۇسىيەنى سىبەر ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش ۋە سايلاملارغا قول تىقىش بىلەن ئەيىبلىدى.

980627
ناتو رۇسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ باھار پەسىللىك يىغىنى پولشا پايتەختى ۋاراشاۋادا ئېچىلدى. باش كاتىپ ستولتېنبېرگ يىغىندا قىلغان سۆزىدە رۇسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ رۇسىيەنىڭ سىبەر ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانلىقىنى، سايلامغا قول تىقىپ، دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ 2014-يىلى ئۇكرائىنادا مالايشىيا ھاۋا يوللىرى ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈلۈشى مۇناسىۋىتى بىلەن، رۇسىيەنى مەسئۇلىيىتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.

باش كاتىپ ستولتېنبېرگ ناتو پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پولشا رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

2014-يىلى گوللاندىيەدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە مالايشىيا ھاۋا يوللىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى سوقۇپ چۈشۈرۈۋەتكەن رۇسىيەدە ياسالغان "BUK" تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ، رۇسىيەدىن ئېلىپ كېلىنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىسىدىن ئېتىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ۋەقەنى تەكشۈرگەن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ گوللاندىيەلىك باش تەپتىشى فرېد ۋېتېربېكې ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەستلەر كونترول قىلىۋاتقان پېرۋوماجسك يېزىسىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىسىدىن ئېتىلغانلىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر