ئامېرىكلىقلارنىڭ سىنگاپۇرغا بېرىپ، ترامپ - كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن بىر ھەيئەت، ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سىنگاپۇرغا بارىدۇ.

979764
ئامېرىكلىقلارنىڭ سىنگاپۇرغا بېرىپ، ترامپ - كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس، ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ ئالدىن پىلانلانغىنى بويىچە، ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەش ئۈچۈن، سىنگاپۇرغا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس بۇ ھەقتە تاراتقۇ مەنسۇپلىرىغا بايانات بېرىپ، «ئاقساراينىڭ بىر ھەيئىتى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى پىلانلانغىنىدەك، يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ قېلىش ئېھتىمالىنى نەزەردە تۇتۇپ تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سىنگاپۇرغا قاراپ يولغا چىقىدۇ» دېدى. بىراق ئۇ، يىغىننىڭ قاچان ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دېمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر