«كىم جوڭئۇن پىلانغا سادىق»

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائېئىن، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ترامپ بىلەن ئۇچرىشىشقا ۋە يادرو قورالى توغرىسىدىكى ۋەدىسىگە سادىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

979976
«كىم جوڭئۇن پىلانغا سادىق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائېئىن، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزۈشى پىلانلانغان يىغىنغا ۋە «كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن تەلتۈكۈس خالىيلاشتۇرۇش» قا سادىق  ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كىم بىلەن تۈنۈگۈن پانمۇنجومدا كۆرۈشكەن مۇن، بۈگۈن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۇچرىشىشتا كىم جوڭئۇننىڭ يادرو قورالىدىن قۇتۇلۇش ۋەدىسىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى، ئۇچرىشىشنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، كىم جوڭئۇننىڭ يەنە شىمالىي كورېيە – ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشى ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر