ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس، يېڭى بىر قېتىملىق ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا ئىسرائىلىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

979761
ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس سىياسىي ئىشلار بىيۇروسى ئەزاسى خەلىل ھەييە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دەۋالارنى رەت قىلدى ۋە مەزكۇر خەۋەرلەرنىڭ ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ «خەلقنى ئالداش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر پارچىسى» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ئۆتكەن ئاي غەززەدىكى ئەسىرلەرنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن دىپلوماتىك جەھەتتىن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر