«ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنگىرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالالمايدۇ»

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان بىريۇسسېلنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

978920
«ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋېنگىرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالالمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

باش مىنىستىر ئوربان ۋېنگىرىيە دۆلەت رادىيوسى « Kossuth » تىكى ھەپتىلىك نۇتقىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى.

ياۋروپانىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئوربان، ۋېنگىرىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوربان ۋېنگىرىيەنىڭ قانۇنسىز كۆچمەنلىككە تاقابىل تۇرۇش دائىرىسىدە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پىلانلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئوربان ئاساسىي قانۇنغا «ۋېنگىرىيەدە مەجبۇرىي ماكانلىشىشنىڭ»  قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى مەزمۇن قىلىدىغان ماددىنىڭ كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

باش مىنىستىر ئوربان ۋېنگىرىيەدە كىملەرنىڭ ياشايدىغانلىقى مەسىلىسى توغرۇلۇق قارارنى پەقەت ۋېنگىرىيە خەلقىنىڭلا چىقىرالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: شۇنى تەكىتلەپ قوياي، بىريۇسسېل ۋېنگىرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالالمايدۇ، دېدى.

مۇساپىرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل سوغۇق پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقان ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر