ترامپ كىم جوڭئۇن بىلەن سىنگاپوردىكى كۆرۈشۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان دىيالوگ بىلەن يېقىنلىشىشنى تاللىسا، خالىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

979011
ترامپ كىم جوڭئۇن بىلەن سىنگاپوردىكى كۆرۈشۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاقسارايدا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، 12-ئىيۇندا سىنگاپوردا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن بولىدىغان كۆرۈشۈشىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ: "12-ئىيۇندا سىنگاپوردا بولىدىغان كۆرۈشۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدىم. بۇنىڭ ھەم شىمالىي كورېيە ھەمدە دۇنيا ئۈچۈن ئارقىغا تاشلانغان چوڭ قەدەم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن" دېدى.

ئۇ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئىجابىي قەدەملىرىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: " بارلىق كورېيە خەلقى جەنۇبىي ۋە شىمالىي بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىق، پاراۋانلىق ۋە ئۇيۇشۇش ئىچىدە ياشاشقا لايىق. بۇ پارلاق كېلەچەك پەقەت ۋە پەقەت يادرو قورال تەھدىتى ئوتتۇرىدىن يوقالغاندا مۇمكىن بولىدۇ. ئەگەر كىم جوڭئۇن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان دىيالوگ بىلەن يېقىنلاشسا ۋە ئۇ قاچان بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، مەن ھەر قاچان كۆرۈشىمەن. بۇ جەرياندا، ئىنتايىن ئېغىر ئېمبارگولىرىمىز ۋە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى بېسىمىمىز داۋاملىشىدۇ" دېدى.

سىنگاپوردىكى كۆرۈشۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى كۆرۈشۈشنىڭ ئىشكىنى ئوچۇق قويغان ترامپ: "شىمالىي كورېيە بىلەن ھەممە ئىشنىڭ ئۆز يولىغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، پىلان قىلىنغان كۆرۈشۈشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ياكى كېيىنرەك كۆرۈشۈش قاتارلىق ھەممە ئىش مۇشۇ ۋاقىتتا بولۇشىمۇ مۇمكىن" دېدى.

ئۇ شىمالىي كورېيە بىلەن ئىشلار يولىدا بولمىغان ئەھۋالدا، ھەم ئامېرىكا ھەمدە جەنۇبىي ۋە ياپونىيەنىڭ ھەربىي جەھەتتىن تەييار بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال ماتتىس ۋە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى بىلەن كۆرۈشتۈم. ئەگەر زۆرۈر بولسا ئارمىيەمىز تەيياردۇر. جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بىلەنمۇ كۆرۈشتۈم، ئەگەر شىمالىي كورېيە ھاماقەتلەرچە ياكى پەرۋاسىزلارچە ھەرىكەت قىلىدىغان بولسا ئۇلارمۇ تەييار. ئۇلارنىڭ ھەربىي ھەرىكەت سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان پۇل-مۇئامىلە يۈكىنىڭ كۆپىنى كۆتۈرۈش ئارزۇسى كۈچلۈك."

ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجابىي ئىشلارنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: "بولمىسا، بىز ھەر قاچانقىدىن بەكرەك تەييارمىز" دەپ پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىگە ھەيۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر