لىۋىيەدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

لىۋىيەنىڭ بىنغازى شەھىرىدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 1 سى نارىسىدە بالا بولۇپ، 6 پۇقرا قازا قىلدى، 20 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

978862
لىۋىيەدە ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى توبرۇقتىكى ئاۋام پالاتاسىغا قاراشلىق بىنغازىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى تارىق ئەلھاررازنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىنغازىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان جامال كوچىسىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 1 سى نارىسىدە بالا بولۇپ، 6 پۇقرا قازا قىلغان، 20 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.

ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىنىڭ سۈرىيەلىك بىر ھەيئەت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا سۈرىيە سەنئەتلىرى سانائەت يەرمەنكىسىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھارراز، «ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى دۇنياغا <بىنغازى بىخەتەر ئەمەس> تەرىقىسىدە سىگنال بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، ۋەقە توغرۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۈز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر