شىمالىي كورېيە: ترامپ-كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشىنى قايتا ئويلىشىمىز

شىمالىي كورېيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بايانات ئېلان قىلىپ، 12-ئىيۇندىكى ترامپ-كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشىنىڭ قايتا ئويلىشىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

977975
شىمالىي كورېيە: ترامپ-كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشىنى قايتا ئويلىشىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو سونخۇي ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدا پىلان قىلىنغان 12-ئىيۇندىكى ئۇچرىشىشىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان-ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى قايتا ئويلىشىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە "KCNA" ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چو سونخۇي ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس ئېلان قىلغان شىمالىي كورېيەنىڭ لىۋىيەگە ئوخشاش بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا، "ھاماقەتلىك ۋە نادانلىق" دەپ باھا بەرگەن.

ئۇ پېنسنىڭ شىمالىي كورېيەنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن يىغىن زالىدا ئولتۇرۇشى ياكى پىيوڭياڭ بىلەن يادرو ھەيۋە قىلىش رىقابىتىگە كىرىشى، ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس شىمالىي كورېيەنى يادرو كېلىشىمى تۈزۈشى توغمرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنداق بولمىغاندا لىۋىيەگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر