ئىران ئۇران قويۇقلاندۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەكبەر سالىھى ئىراننىڭ ئۇران قويۇقلاندۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

976825
ئىران ئۇران قويۇقلاندۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەكبەر سالىھى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇران قويۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى مېھرنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەلى ئەكبەر سالىھى بۇ ھەقتە ئىران پارلامېنتىغا قاراشلىق تېخنىكا، تەلىم-تەربىيە ۋە تەتقىقات كومىتېتىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا مەلۇمات بەرگەن.

يىغىن تۈگىگەندىن كېيىن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن سالىھى، كومىتېتقا يادرو پىروگراممىلىرىنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى دېدى.

سالىھى ئىراندىكى يادرو خىزمەتلىرىنىڭ 2015-يىلى تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى دائىرىسىدە ئوڭۇشلۇق داۋاملاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: ئەگەر يادرو كېلىشىمىدىن بۇرۇنقى ئەھۋالىمىزغا قايتىشقا توغرا كەلسە ياكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇران قويۇقلاندۇرماقچى بولساق تەييارلىقىمىزنى قىلىپ بولدۇق، لېكىن بۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغىمىز يوق، دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە گېرمانىيە ئارىسىدا 2015-يىلى ئىيۇلدا تۈزۈلگەن كېلىشىمىدىن ئامېرىكىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ، تېھرانغا ئېغىر ئېمبارگولارنى قويىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئىران يادرو كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىمگە ئالاقىدار تەرەپلەردىن ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئېمبارگولىرىغا قارشى تەدبىرلەرنى ئېلىشلىرىنى تەلەپ قىلىماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيومۇ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئىرانغا «مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان پۇل-مۇئامىلە بېسىمى ۋە تارىختىكى ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولارنىڭ»قويولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىران بىلەن قايتىدىن يادرو كېلىشىمى تۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن پومپېيو، ئىراننىڭ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى يادرو قوراللىرى خىزمەتلىرىنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىدارىسىغا دوكلات قىلىپ، ئېغىر سۇ رىئاكتورلىرى بولۇپ بارلىق ئۇران ئىشلەپچىقىرىش خىزمەتلىرىنى توختىتىشى لازىملىقىنى ئېيتقانىدى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى پومپېيونىڭ بۇ سۆزلىرىگە«سەن كىمتىڭ ئىران ۋە دۇنيا توغرۇلۇق قارار چىقىرىدىغان» دېگەن مەزمۇندا رەددىيە بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر