ترامپ: كىم جوڭئۇننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنكى پوزىتسىيەسىدە سەلىبىي ئۆزگىرىش بولدى

دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنكى يادرو كېلىشىملەرگە دائىر پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن قەتئىي خۇشال بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

977263
ترامپ: كىم جوڭئۇننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنكى پوزىتسىيەسىدە سەلىبىي ئۆزگىرىش بولدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونال ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ 12 - ئىيۇندا ئۆتكۈزمەكچى بولغان ئۇچرىشىشىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىندەك قىلىدۇ.

دونالد ترامپ جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن بىلەن ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى ئىشخانىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

دونالد ترامپ سىنگاپوردا 12ئىيۇن ئۆتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلىنىۋاتقان ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى ۋە مەزكۇر ئۇچرىشىشقا دائىر خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ خىتايدا ئىككىنچى قېتىم زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، يادرو كېلىشىملەرگە دائىر پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن ترامپ: «بۇنىڭدىن قەتئىي خۇشال بولمىغانلىقىمىزنى ئېيتىشىم لازىم. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلىرىمىز بار. ھېچ كىشىنى ئەيىبلىمەيمەن، بىراق كىم جوڭئۇننىڭ ئىككىنچى قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنكى پوزىتسىيەسىدە خېلى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى كۆردۇق» دېدى.

ترامپ كىم جوڭئۇن بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشنىڭ ئىشقا ئاشىدىغان ياكى ئاشمايدىغانلىقى ھەقىقىدىكى سوئالغا جاۋابەن كونكرېت جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ: «نېمىلەر بولىدىغانلىقنىى كۆرىمىز. ئەگەر (ئۇ كۈنى) بولمىسا، بەلكى كېيىنچە بولار. نۇرغۇنلىغان كېلىشىملەرنى تۈزدۇم ۋە كېلىشىملەردە نېمىلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالىسىز. بەلكى 12ئىيۇن مۇناسىپ بىر ۋاقىت بولماسلىقىمۇ مۇمكىن» دېدى.

ئۇچرىشىشنىڭ ئىشقا ئاشىدىغان ياكى ئاشمايدىغانلىقى ھەققىدە پات يېقىندا ئېنىق باياناتلارنى بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دونالد ترامپ: «ئەگەر كېلىشىم تۈزۈلسە، بۇ شىمالىي كورېيە ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بىر ئىش بولىدۇ. كېلشىم تۈزۈلمىسىمۇ يەنە مەيلى، ئەھۋال نېمە بولسا شۇ» دېدى.

دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي شارائىتلار ئاستىدا تەرەققىي قىلالىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر شىمالىي كورېيە چوڭ بىر دۆلەتكە ئايلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. مېنىڭچە، بۇ پۇرسەتنىڭ قەدرىگە يېتىشى لازىم. ئەگەر كېلىشىم تۈزۈلسە، شىمالىي كورېيەگە ۋە كىم جوڭئۇنغا ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ. ئۇ چاغدا پىيوڭياڭ ئىقتىسادىي قوللاشقا ئېرىشىدۇ. جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە ۋە خىتايمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ چوڭ بىر دۆلەت بولۇشىغا ياردەم قىلىشنى خالايدۇ» دېدى.  

دونالد ترامپ كىم جوڭئۇننىڭ يادرو كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشى ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن پۈتۈنلەي تازىلىنىشىنى قوبۇل قىلىشى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ: «بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەن كاپالەت بېرىمەن. ئۆزىمۇ بىخەتەر ۋە باي بولىدۇ ھەم دۆلىتىمۇ باي بولىدۇ» دېدى.

شىمالىي كورېيە ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئورتاق ھەربىي مانېۋىرىغا قارىتا «ئغىۋاگەرچىلىك» دەپ باھا بەرگەن ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇزكىرىلەرنى توڭلىتىپ قويغان ئىدى. ھەتتا كىم جوڭئۇن بىلەن دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدا ئۆـكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئۇچرىشىشنىڭمۇ خەۋپ ئاستىدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر