ماراكەش دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

ماراكەشنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ساھىلىدىكى ئاسىلا شەھىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە قولۋاقتا قالغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

976997
ماراكەش دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەشنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ساھىلىدىكى ئاسىلا شەھىرى دېڭىز تەۋەلىكىدە قولۋاقتا قالغان سەككىز كۆچمەننىڭ قۇتقۇزۇۋېلىندى.

يەرلىك دائىرىلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ماراكەش چارلاش پاراخوتى تەرىپىدىن بايقالغان قولۋاقتىكى ئىككى ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەككىز قانۇنسىز كۆچمەننى خەۋپسىزلىك خادىملىرى قۇتقۇزۇۋالغان.

بۇ كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز يوللار بىلەن ئىسپانىيەگە بارماقچى بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دائىرىلەر كۆچمەنلەرنىڭ تۆت كۈندىن بۇيان دېڭىزدا قالغانلىقىنى، ئارىسىدىكى ئىككى كۆچمەننىڭ ھەددىدىن زىيادە ھارغىنلىق سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن تانجا دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھەر يىلى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن ماراكەشكە كەلگەن مىڭلارچە كۆچمەن ياۋروپاغا قانۇنسىز يوللار بىلەن كېتىشكە ئۇرۇنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر