ئونلارچە ئادەم قاتتىق ئىسسىقتا ھاياتىدىن ئايرىلدى

پاكىستاندا ھاۋا قاتتىق ئىسسىپ كېتىپ، جەنۇبتىكى كاراچى شەھىرىدە يېقىنقى ئۈچ كۈن ئىچىدە 65 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

976106
ئونلارچە ئادەم قاتتىق ئىسسىقتا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېدھى ۋەقپى باشلىقى فەيسال ئېدھى، ۋەقىفكە تەۋە ئىككى جەسەت ساقلاش ئورنىغا يېقىنقى ئۈچ كۈندە كەلگەن 114 جەسەتنىڭ 65 ىگە ئىسسىق ھاۋانىڭ سەۋەب بولغانلىقىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى ئېيتتى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنىڭ 6 ياش بىلەن 78 ياش ئارىلىقىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆيلىرىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كاراچىدا 45 گىرادۇسقىچە چىققان ئىسسىق ھاۋا ۋە پات – پاتلا توختاپ كېتىدىغان توك كىشىلەرنىڭ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈشىگە سەۋەب بولماقتا.

كاراچىنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان ك – ئېلېكتىرىك شىركىتى، كەمچىلىكلىرى تۈپەيلى كەچۈرۈم سورىدى ۋە خەلقنىڭ توكنى تىجەپ ئىشلىتىشكە چاقىردى.

ھىندى ئوكيان قىرغىقىغا جايلاشقان كاراچىدىكى قاتتىق ئىسسىقنىڭ 23 – ماي (ئەتە) غىچە داۋاملىشىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر