ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى پېنس شىمالىي كورېيەنى ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، شىمالىي كورېيەنى دۆلىتى بىلەن يادرو كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ لىۋىيەگە ئوخشاپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ فوكس نيۇز قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا كۈنتەرتىپكە ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن مايك پېنس، شىمالىي كورېيە توغرىسىدا ئېغىر سۆزلەرنى قىلدى؛ ئۇ، «ئۆتكەن ھەپتە لىۋىيە مودېلى توغرىسىدا بىر قاتار سۆزلەر بولۇپ ئۆتتى. بۇ ھەقتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوچۇق قىلىپ تىلغا ئالغاندەك، ئەگەر كىم جوڭئۇن بىر كېلىشىم تۈزمىگەن تەقدىردە، (شىمالىي كورېيە) لىۋىيە مودېلى بىلەن خۇلاسىلىنىشى مۇمكىن» دېدى.
ترامپ ئۆتكەن ھەپتە ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون بولتوننىڭ شىمالىي كورېيەگە «لىۋىيە مودېلى» نى تەتبىقلاشنى تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، 2003 – يىلى ئۆز ۋاقتىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جورج ۋ.بۇش لىۋىيە بىلەن ئىمزالىغانغا ئوخشاش بىر يادرو كېلىشىمىنى پىيوڭياڭ بىلەن ئىمزالاشنى خالىمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.
ترامپ، مەسلىھەتچى بولتوننىڭ «لىۋىيە مودېلى» تەكلىپىنى رەت قىلىپ، «لىۋىيە مودېلى ناھايىتى پەرقلىق بىر نەرسە ئىدى. بىز لىۋىيەنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يوقىتىپ تاشلىدۇق. (ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر مۇئەممەر) قەددافىنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋملاشتۇرۇش شەكلىدە بىر كېلىشىم يوق ئىدى. ئەگەر (شىمالىي كورېيە بىلەن) بىر كېلىشىم تۈزمىسەك، ئۇ چاغدا بەلكى بۇ مودېل كۈنتەرتىپكە كەلسە بولىدۇ» دېگەنىدى.
لىۋىيەنىڭ سابىق لىدىرى مۇئەممەر قەددافى 2003 – يىلى يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە ئېمبارگونىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن غەرب ئەللىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان، ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەندىن كېيىن غەرب ھىمايىسىدىكى ئىسيانچى كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
شىمالىي كورېيەدە سەلبىي ئىنكاس پەيدا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن «لىۋىيە مودېلى» توغرىسىدىكى باياناتقا ئالاقىدار دەتالاشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ يەنە بىر قېتىم بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنىڭ دەتالاشلارنى ئۇلغايتىۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.
مايك پېنس يەنە، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا، ئالدىمىزدىكى ئاي ئۆتكۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئۇچرىشىش ئىشقا ئاشقان تەقدىردە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى كولدۇرلاتماسلىق توغرىسىدىمۇ ئاگاھلاندۇردى.
پېنس بۇنىڭ «ئېغىر خاتالىق بولىدىغانلىقى» نى ئېيتىپ، ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە، ترامپنىڭ يىغىندىن ئايرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قىلچە شۇبھىسى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ترامپنى ئىشنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت تەرىپىنى ئويلىشىپ ئولتۇرىدۇ، دەپ قارىمايمەن، پىرېزىدېنت تىنچلىقنى ئويلايدۇ» دېدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە بايانات بېرىپ، 12 – ئىيۇندا شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئۇچرىشىشنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا «ھازىرغىچە بىر نەرسە كۆرمىدۇق، ئاڭلىمىدۇق. بىزگە ئۇقتۇرۇشمۇ قىلىنمىدى. قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېگەنىدى.
شىمالىي كورېيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى «ئىغۋاگەرلىك» دەپ تەرىپلەپ، جەنۇبىي كورېيە بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەرنى توختىتىپ قويغان، ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ پىلانلىنىۋاتقان ئۇچرىشىشىنىڭمۇ خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.