پاپا پوپلارنى "پىرئەۋن" بولماسلىققا ئاگاھلاندۇردى

كاتولىك دۇنياسىنىڭ رۇھانىي رەھبىرى پاپا فرانجىسكۇس پوپلارنى پىرئەۋنگە ئوخشاش ياشىماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

976108
پاپا پوپلارنى "پىرئەۋن" بولماسلىققا ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاپا فرانجىسكۇس ۋاتىكاندا "ئىتالىيە ئېپىسكوپلار يىغىنى" (CEI) دا سۆز قىلدى. ئۇ كەمبەغەللىكتىن گەپ قىلىپ، راھەت-پاراغەتتە ياشاشنىڭ زىددىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، جىنسىي پاراكەندىچىلىك ۋە پۇلغا مۇناسىۋەتلىك سەتچىلىكلەرنىڭ پوپلۇق خىزمىتىگە زىيان سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە، بەزى پوپلۇق رايونلىرىدا پۇل-مۇئامىلە سەتچىلىكلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى خاتىرىلەتتى ۋە مۇنداق دېدى:

"بەزى پوپلارنىڭ كەمبەغەللىكتىن گەپ قىلماي، پىرئەۋنگە ئوخشاش ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. كەمبەغەللىكتىن گەپ قىلىپ راھەت-پاراغەت ئىچىدە ھايات سۈرۈشمۇ زىىددىيەتلىك بولىدۇ. پۇلنىڭ ئاشكارا بولۇشتىن يىراق ھالدا باشقۇرۇلۇشى ياكى چېركاۋنىڭ مال-مۈلكىگە خۇسۇسىي مال-مۈلۈككە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش، رەزىللىكتىن ئىبارەت."

ئۇ يېقىنقى يىللاردا "ئىتالىيە ئېپىسكوپلار يىغىنى" دائىرىسىدە مۇھىم مۇساپىلەرنىڭ بېسىلغانلىقىنى، ئەمما تېخىمۇ كۆپ خىزمەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر