ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە ئاغرىندى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يادرو كېلىشىمىگە تۇتقان پوزىتسىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئىران ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن  يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە ئاغرىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف،  2015-يىلى تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىرانغا ئېلىپ كەلگەن پايدىلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنىڭ «يېتەرسىز»بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۋ (Deutsche Welle)تۈركچە تور بېتىنىڭ ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىرنانىڭ خەۋىرىگە ئاساسلىنىپ بەرگەن خەۋىرىدە، جەۋاد زارىفنىڭ ياۋروپا كومىتېتىنىڭ كىلىمات ۋە ئىنېرگىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى مىگۇئېل ئارىياس كانېتا بىلەن پايتەخت تېھراندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جەۋاد زارىف ئارىياس كانېتقا مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن كېيىن بۇ كېلىشىمنىڭ ئېلىپ كەلگەن پايدىلىرىنى قوغداش قېلىش جەھەتتە ئىراننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈتىدىغىنى تېخىمۇ ئاشتى. لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننى سىياسىي جەھەتتىن يېتەرلىك دەرىجىدە قوللىمايۋاتىدۇ.»

جەۋاد زارىف ياۋروپادىكى بەزى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئىران بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرۇشىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يادرو كېلىشىمىگە دۇرۇس مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 8-مايدا ئامېرىكىنى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىندۈرۈپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكىنىڭ بېرلىن ئەلچىسى رىچارد گىرنېل  تۋىتتېر ئادرېسىدا يازغان ئۇچۇرىدا: ئىراندىكى گېرمانىيە شىركەتلىرى دەرھال پائالىيەتلىرىنى ئازايتىىشى لازىم، دېدى.

ياۋروپا كومىتېتى 1996-يىلى ماقۇللانغان «شىركەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش»قانۇنىنى ئۆتكەن جۈمە كۈنى قايتىدىن ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.

مەزكۇر قانۇن ئىران بىلەن سودا مۇناسىۋىتى بولغان ياۋروپا شىركەتلىرىنى ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىدىن ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ياۋروپا رەھبەرلىرى بىلەن تېھران ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ چېكىنىپ چىقىش قارارىنىڭ ئەكسىچە، يادرو كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر