سۈرىيەدە دائېش بىلەن بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلدى

دائېش بىلەن بەششار ئەسەد ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا كېلىشىم نەتىجىسىدە، دائېش تېرروچىلىرىنى ۋە پۇقرالارنىمۇ ئېلىپ ماڭغان 16 ئاپتوبۇسلۇق تۇنجى كارۋان يولغا چىقتى.

975790
سۈرىيەدە دائېش بىلەن بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆزئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىش نەتىجىسىدە، ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ياشاشنى خالىمايدىغان پۇقرالار بىلەن تېررورچىلارنىڭ بىخەترە جايغا يـكىلىدىغان تۇنجى كارۋىنى يولغا چىقتى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ يەرمۇك لاگېرىدىكى بىر يەرلىك مەنبەنى ئاساس قىلغان مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ئەسەد ھۆكۈمىتى كېلىشىم ھاسىل قىلغان. ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ياشاشنى خالىمايدىغان پۇقرالار بىلەن دائېش تېررورچىلىرىنىڭ يۆتكىلىپ كېتىشى ئۈچۈن يولۇچىلار تۇنجى كارۋانى يەرمۇك لاگېرىدىن ئايرىلغان.

7 ئاپتوبۇس بىلەن يولغا چىققان دائېش تېررورچىلىرىنىڭ ھۇمۇس ۋىلايىتىدە بادىيا دەپمۇ بىلىنىدىغان چۆل رايونىدا تۇرۇشلۇق دائېش ئەزالىرىنىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

پۇقرالانى ئېلىپ ماڭغان 9 ئاپتوبۇسنىڭ بولسا، ئىدلىبكە قاراپ ماڭغانلىقى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يۆتكىلىشلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

يەرمۇك لاگېرى دەمەشىقتىن 8 كېلومېتىر جەنۇبتا بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن پەلەستىنلىك پاناھلانغۇچىلار تۇرىدىغان ۋە كۆلىمى 16 كىۋادىرات كېلومېتىر كېلىدىغان بىر ئولتۇراق رايون ھېسابلىنىدۇ.

رايوننىڭ غەربىي قىسمىدىن 8 كىۋادىرات كېلومېتىرلىق جاي تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئالقىنىدا، شەرقىي قىسمىدىكى 7 كىۋدىرات كېلومېتىرلىق جاي ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتىروللۇقىدا تۇرماقتا. 

يەرمۇك لاگېرىنىڭ شىمالىدىكى ئەسەد قىسىملىرى بىلەن دائېش تېررورچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان 1 كىۋادىرات كېلومېتىرلىق رايون بولسا، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلاردىن بىرسى بولغان «ھەيئەت تەھرىر شام» تەشكىلاتىنىڭ كونتىروللۇقىدا تۇرماقتا.

ئاپرېلنىڭ ئاخېرىدا ئەسەدە ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم نەتىجىسىدە، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە «ھەيئەت تەھرىر شام» تەشكىلاتى رايوندىن كۆچكەن ئىدى.

يەرمۇك لاگېرى تەخمىنەن 5 يىلدىن بۇيان ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى شىئە گۇرۇپپىلارنىڭ قورشاۋى ئاستىدا قالغان بولۇپ، دائېشنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدىكى قىسمىدا ئىلگىرى ئاساسلىق كۆپ قىسمى پەلەستىنلىكلىكلەردىن تەشكىل تاپقان 2500 ئائىلە ياشايتتى. 

پۇقرالارنى يۆتكەش كېلىشىملىرى ۋە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان پۇقرا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ كونتىروللۇقىدىكى رايونلارغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئىدى.

تۈنۈگۈن دائېشنىڭ كونتىروللۇقىدىكى رايونىدىن بىخەتەر يوتكەلگەن پۇقرالار بىلەن دائېش تېررورچىلىرى سانىنىڭ 600 ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

دائېش ھازىرمۇ سۈرىيەنىڭ ئىراق چېگراسىدىكى دويرىزوردا، ھۇمۇسنىڭ چۆل رايونىدا ۋە دەرانىڭ غەربىي چېگراسىدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر