سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان راكېتامىيوت بىتچىت قىلىندى

خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى باياناتچىسى گېنېرال تۇركى ئەل مالىكى شىئە ھۇسىيلارنىڭ يەمەننىڭ سادا ۋىلايىتىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىغا بالىستىك راكېتامىيوت ئاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

975499
سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئېتىلغان راكېتامىيوت بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندىكى شىئە ھۇسىيلار تەرىپىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جازان شەھىرىگە ئېتىلغان بالىستىك راكېتامىيوت ھاۋادىلا بىتچىت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ساپانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى باياناتچىسى گېنېرال تۇركى ئەل مالىكى، ئىران ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان شىئە ھۇسىيلارنىڭ يەمەننىڭ سادا ۋىلايىتىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىغا بالىستىك راكېتامىيوت ئاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا تۇرالغۇ جايلارنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان مالىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ بالىستىك راكېتامىيوتنى ھاۋادىلا بىتچىت قىلىشى نەتىجىسىدە راكېتامىيوتنىڭ بەزى پارچىلىرىنىڭ تۇرالغۇ جايلارغا چۈشكەنلىكىنى، بىراق ئۆلۈش ياكى يارىلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى شىئە ھۇسىيلارغا تەۋە ئەل مەسىرا تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، شىئە ھۇسىيلارنىڭ بەدر-1 تىپلىق راكېتامىيوتنى جازان ئايرودۇرۇمىغا ئاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شىئە ھۇسىيلار رامىزان ئېيىدا سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىغا 2 قېتىم بالىستىك راكېتامىيوت ئاتتى.

2015-يىلى 26-مارتتىن بۇيان شىئە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىغا 142 راكېتامىيوت ئاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر