كۇبادا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىلىرىدىن بىرى تېپىلدى

جۈمە كۈنى كەچتە كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتكەن بويىڭ 737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىلىرىنىڭ بىرى تېپىلدى.

974874
كۇبادا چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىلىرىدىن بىرى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇبادىكى ئىنتېرنېت خەۋەر تورى «كۇبادېبەيت» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 104 يولۇچى بىلەن 9 ئايروپىلان مۇلازىمەتچىسى بىلەن ھاۋانادىن خولگۇئىن شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارار قۇتىلىرىدىن بىرى تېپىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قاتناش مىنىستىرى ئادىل يزقۇئىئېرد، قارا قۇتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى، ئىككىنچى قارا قۇتىنىمۇ تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.

كۇبا رەسمىي گېزىتى گرانما، 113 يولۇچىدىن پەقەت ئۈچىنىڭلا ھايات قالغانلىقىنى، بىراق بۇلارنىڭمۇ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئالاقىدار تارماقلار، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە كۇبادا ئىككى كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر