بىر يەھۇدىي كۆچمەن پەلەستىنلىك كىچىك بالىنى ئاپتوموبىلى بىلەن سوقتى

ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر يەھۇدىي كۆچمەن پەلەستىنلىك كىچىك بالىنى ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇپ يارىدار قىلدى.

973879
بىر يەھۇدىي كۆچمەن پەلەستىنلىك كىچىك بالىنى ئاپتوموبىلى بىلەن سوقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نابلۇسنىڭ جەنۇبىدىكى ھاۋارە بازىرىدا، بىر يەھۇدىي كۆچمەن ئاپتوموبىلى بىلەن يامەن تايىل ئاۋدە ئىسىملىك 11 ياشلىق پەلەستىنلىك بالىنى سوقتى. ھۇجۇمدىن كېيىن، تايىل ئاۋدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى.

ئىسىرائىلىيە ساقچىلىرى تەكشۈرۈش ئۈچۈن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى زېمىنلاردا ياشايدىغان يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ، پات-پات پەلەستىنلىكلەرنى ئاپتوموبىلى بىلەن قەستەن سوقۇپ يارىدار قىلىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر