گوللاندىيە باش مىنىستىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تەنقىد قىلدى

گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇت ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى ئىران بىلەن 2015 – يىلى تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارى ئالغانلىقى تۈپەيلىدىن تەنقىد قىلدى.

973185
گوللاندىيە باش مىنىستىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مارك رۇت بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيەدە ياۋرو ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتتىن كېيىن گوللاندىيە تاراتقۇلىرىغا بايانات ئېلان قىلدى.

مارك رۇت: «ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىدىن چېكىنىشى پۈتۈنلەي ھاماقەتلىك. ئامېرىكا باشقا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەردە ئىتتىپاقداشلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلماقتا. بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى ئىش ئەمەس» دېدى. 

ياۋروپا ئىتتىىپاقىنىڭ بۇ مەسىلىدە ئامېرىكىنى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن رۇت: «پىرېزىدېنت ماكرون بۇنداق قىلماسلىق كېرەكلىكىنى قەتئىيىلىك بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. <ئۇنداق قىلما> دېگەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلغىمۇ پىسەنت قىلماستىن، ترامپ ئىككى كۈندىن كېيىنلا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 8مايدا 5+1 دۆلەتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر