«سىيونىستلارغا ياردەم قىلىش يەھۇدىي خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قوبۇل قىلغان يەھۇدىي ئۆلىمىلار سىيونىستلارغا ياردەم قىلىش بىلەن يەھۇدىي خەلقىگە ياردەم قىلىشنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

971897
«سىيونىستلارغا ياردەم قىلىش يەھۇدىي خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگلىيە زىيارىتى ئەسناسىدا، يەھۇدىي ئۆلىمالىرىدىن ئېلاھانان بېك ۋە ھەمراھلىقىدىكى «نەتۇرې كارتا»ئورتودوكس مۇسەۋى جامائىتى ئەزالىرىنى قوبۇل قىلدى.

پايتەخت لوندوندىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن يەھۇدىي ئۆلىما بېك مۇنداق دېدى: «سىيونىستلارغا يانتاياق بولۇش يەھۇدىي خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە تولىمۇ زىيانلىق، ئەگەر يەھۇدىيلارغا ياردەم قىلىشنى خالىساڭلار ئۇنداقتا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى قىلغاندەك قىلىڭلار.»

يەھۇدىي ئۆلىما بېك ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىگە مۇنداق خىتاب قىلدى: «ئىسرائىلىيەگە ياردەم قىلغانلىق يەھۇدىي خەلقىگە ياردەم قىلغانلىق بولمايدۇ، بۇ ئىككىسىنى ئېنىق ئايرىۋېلىش لازىم. »

ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈنلا ئەمەس يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈنمۇ خەتەرلىك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن بېك  مۇنۇلارنى دېدى: «سىيونىستلارغا ياردەم قىلىش يەھۇدىي خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە  پايدىلىق ئەمەس. يەھۇدىي خەلقىگە ياردەم قىلغىڭلار بولسا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىدەك قىلساڭلار بولىدۇ، مەسىلەن ئەلچىلىرىڭلارنى قايتۇرۇپ كېلىڭلار. جەسۇرلارچە ھالدا ئىسرائىلىيەگە نارازىلىقىڭلارنى بىلدۈرۈڭلار، بىز ئىشغالىيەتچىلەرگە ھەر ۋاقىت قارشىمىز، رايوندا تىنچلىق بەرپا بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز، ئىككى دۆلەتمۇ خالاپ كەتمەيمىز، بىر دۆلەتنى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى قوللايمىز. بۇ جايدا يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار بىرلىكتە تىنچ ھالدا ياشىيالايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر