ھىندېنوزىيەدە بۈگۈنمۇ ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈنۈگۈنمۇ ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەن ھىندېنوزىيەدە بۈگۈنمۇ ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

969934
ھىندېنوزىيەدە بۈگۈنمۇ ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندېنوزىيە بۇ نۆۋەت ئادەم بومبا ھۇجۇمى بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلدى.

سۇرابايا شەھرىدىكى بىر ساقچى پونكىتى ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 7 ئادەم ئۆلدى.

جاكارتا پوچتا گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شەرقىي جاۋا ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى پىرانس بارۇڭ ماگېرا، سىكاتان كوچىسىدىكى ساقچى پونكىتىنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 7 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، تۈنۈگۈنمۇ سۇرابايادا 3 چېركاۋنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ 13 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ 41 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تاشقىرى سىدوئارجودىمۇ قول بومبىسى پارتلاپ كېتىپ 3 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قول بومىسىنىڭ ھۇجۇم تەييارلىقى قىلىۋاتقان 3 بالىسى بار بىر ئەر-خوتوننىڭ ئۆيىدە پارتلاپ كەتكەنلىكىنى، پارتلاشتا ئەر-خوتون ۋە بىر بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان مانگېرا، پارتلاشتا يارىلانغان ئىككى بالىنىڭ دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانلىقىنى دېدى.

ساقچىلار چېركاۋ ھۇجۇمى بىلەن سىدوئارجودىكى پارتلاش ۋەقەسىنىڭ بىر-بىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

چېركاۋغا ھۇجۇم قىلغان 4 بالىسى بار ئائىلىنىڭ بۇرۇن سۈرىيەدە ياشىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن ساقچىلار، بۇ ئائىلىنىڭ ھىندېنوزىيەدىكى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بولغان جاماھ ئانشورۇت دالاھ (جاد) ناملىق تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.  

ھۇجۇمدا بالىلىرىدىنمۇ پايدىلانغان ئائىلىنىڭ 4 بالىسى بىلەن بىرلىكتە ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر